كۆپ توملۇق تارىخى ماتېرىياللار توپلىمى نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى
2016.04.25
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات، نەشرىيات ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىكتە «يىپەك يولى، غەربىي يۇرت تارىخى يازما ماتېرىياللار توپلىمى» ناملىق كۆپ توملۇق ئەسەرنىڭ تارقىتىلىش يوپۇقىنى ئاچقان.
مەزكۇر كىتابنى تارقىتىش پائالىيىتى 22 - ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر «تارىخىي يازما ماتېرىياللار توپلىمى» كۆپ توملۇق كىتاب بولۇپ، بۇنىڭغا قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار، خىتاينىڭ جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى دەۋرىگە ئائىت يازما يادىكارلىقلار، ئارخىپ تارىخى ماتېرىياللىرىدىن ئىبارە ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدىكەن.
بۇنىڭغا كىرىدىغان ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ سىياسەت
، ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، جۇغراپىيە، ۋە قەدىمكى ھەربىي ئىشلار ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن،
مەزكۇر توپلام شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، نەشرىيات باشلىقى مەزكۇر «يىپەك يولى، غەربىي يۇرت تارىخىي يازما ماتېرىياللار توپلىمى»نىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ تولۇق كىتاب ھەسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا 1980 - يىللاردىن بۇيان «شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرىسى» قاتارلىق مەجمۇئە - ژۇرناللار ئىزچىل تارقىتىلىپ كېلىنمەكتە. 1980 - 1990 - يىلارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ ژۇرنال ۋە مەجمۇئەلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر تارىخى شاھىدلارنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا ئائىت بىر قىسىم ئەسلىمىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ مەجمۇئە ۋە ژۇرناللاردا 2000 - يىللاردىن باشلاپ، كۈچلۈك ئىدىيولوگىيەلىك نازارەت ئاستىدا، ئېلان قىلىنماقچى بولغان تارىخىي ماتېرىياللار كوپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشەكە توغرا كەلگەن.









