بلۇمبېرگ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارىخىي مىراسلارنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.29

ئامېرىكادىكى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى كەڭ كۆلەملىك چېقىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسچىتنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھالىتى سېلىشتۇرۇلۇپ، «بۇرۇن ۋە كېيىن تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر خىتاينىڭ تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنى قانداق نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە قورقۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە، خىتاينىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى مەسچىتلەرنى پۈتۈنلەي چېقىشقا، بەزىلىرىنىڭ قۇببە ياكى دەرۋازىلىرىنى چېقىشقا باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مەسچىت چېقىشنىڭ «پۈتكۈل رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇسۇلمان مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دىننى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە، بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە قاغىلىق مەسچىتىنىڭ پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەنلىكى، فرانسىيەدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى بىلەن بىر دەۋردە سېلىنغان كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ چېقىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قاغىلىق مەسچىتى 2019‏-يىلى 4‏-ئايدا تارتىلغان بىر سۈرەتتە پۈتۈنلەي غايىب بولغان. ئوخشاشلا كېرىيەدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىمۇ 2018‏-يىلى 5‏-ئايدا تارتىلغان سۈرەتتە غايىب بولغان. خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ جامەنىڭ دەرۋازىسىنى چېقىپ تاشلاپ، ئىبادەت زالىنى ساقلاپ قالغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە، ئامېرىكادىكى جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، جېيمىس مىلۋارد، دەرۋازىنىڭ چېقىلىشى ئۇنىڭ قۇببىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىت چېقىشنى پۈتكۈل رايون مىقياسىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بىر شەھەردە بىر-ئىككى مەسچىتنى ساقلاپ قېلىپ قالغانلىرىنى چېقىپ تاشلىماقتا ئىكەن. خەۋەردە يەنە ئامېرىكىدىكى جورجى مەيسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىسلامى قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى لاۋرېنس بۇتلېرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ قەشقەر كونا شەھىرىنى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ «زامان تونىلى» دەپ تەرىپلەپ، «ئۇلارنىڭ قەشقەردە قىلغانلىرىغا قاراپ يۈرىكىم لەختە بولدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.