خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019.06.28

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان كوناشەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى باشقا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 28-ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ «كونا شەھەر» رايونى، يەنى ھازىرقى تەڭرىتاغ بىلەن سايباغ رايونى قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئاتالمىش «زامانىۋىيلىققا ئىگە خەلقئارالىق شەھەر بەرپا قىلىش» نامىدا باشقا رايونلارغا سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردىكى «باشقا رايونلار» خىتاي نوپۇسى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان رايونلار ئىكەن.

خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى قاقاس تاغ «قارلىقاچلىق» نىڭ بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ  كۆكەرتىلىپ ئورمان بەرپا قىلىنغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئانالىزچىلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايغا خىتاي پۇقرالىرىنى ئەكېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچ خىزمىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

ئۆتكەن مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» نامىدا شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى باشقا جايلارغا سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە مەھەللىلەردىن «خەۋپ» ھېس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى يۆتكەپ، رايوندىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە شالاڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.