خىتاي ساقچىلىرى ئاقسۇدا بىر ئوقۇتقۇچىنى ئېتىۋېتىپ ۋەقەنى «تاسادىپىي قازا» دەپ بېكىتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.07.22


ئۆتكەن يىلى خىتاي ساقچىلىرى ئاقسۇدا بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا «تاسادىپىي قازا» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن، بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىشنى باشلىغان.

ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېت ئوقۇتقۇچىسى لى ۋەنجيې بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى 8 - ئىيۇل ئاقسۇ ئاۋاتتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پىئانىنو مۇسابىقىسىنى تۈگىتىپ، 8 ياشلىق قىزى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىگە قايتىشىدا ئاۋات ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

لى ۋېنجيېنىڭ ئېرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاۋات ساقچىلىرى قۇرغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە توختىماي ئۆتۈپ كەتكەن ئىكەن.

ئوق ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قىزنىڭ مەڭزىنى قىرىپ ئۆتۈپ، ئايالىنىڭ ئارقا مېڭىسىگە تەگكەن ۋە ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان.

ھالبۇكى، خىتاي قانۇن ساقچىلىرى ۋەقەنى «مىلتىق تاسادىپىي ئېتىلىپ كېتىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان»، «خىزمەت ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى» دەپ بېكىتكەن.

ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى جاڭ جېنخەي بىر يىلدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ دەۋا قىلغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان.

ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئاقسۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «مىڭنى خاتا ئۆلتۈرسەك ئولتۇرىمىزكى، بىرنىمۇ قاچۇرۇۋەتمەيمىز» دەيدىغان زېھنىيەت بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا كەلپىندىكى بىر قىزىل چىراغدىن موتوسىكلىتلىق ئۆتۈپ كەتكەن ئابدۇلباسىتنى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ ئېتىۋەتكەن. كېيىن ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە ئېغزىنى يۇمۇش ھەققىدە تەھدىت سالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.