خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە پروفېسسورى تاشپولات تېيىپنىڭ ئاقىۋىتى كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ئامېرىكادىكى داڭلىق ژۇرناللاردىن «پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ب ب س رادىئوسى بۈگۈنكى سەھىپىلىرىدە تاشپولات تېيىپقا كەڭ ئورۇن بېرىپ، تاشپولات تېيىپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئىلىم ئەربابلىرى يۈزلىنىۋاتقان تراگېدىيەلىك ۋەزىيەتكە دىققەت تارتتى.

«پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خىتاينىڭ بىر تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مېڭىسىنى چوڭقۇر زەھەرلىگەن» دەپ ئەيىبلەنگەن 88 زىيالىي قاتارىدا كۆرسىتىلىپ: «ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما قىزىقارلىقى، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى «پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلىنىڭ تاشپولات تېيىپ ھەققىدىكى سوئالىغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا «تاشپولات تېيىپ 2018-يىلى 5-ئايدا " پارا ئېلىش ۋە زور مىقداردىكى پۇلغا چېتىشلىق چىرىكلىك"گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ دېلوسى نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېگەن. ئەمما ئۇلار تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل 9-ئايدا جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە پروفېسسورى تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. 

«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» ۋە «ئالىملارغا غەمخورلۇق كومىتېتى» قاتارلىق ئورگانلار تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئىلىم ئەربابىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز قارىلاشلىرى ئاستىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى.

«پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلى ۋە «ب ب س» بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، تاشپولات تېيىپنى يېقىندىن تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ بايانى ئارقىلىق تاشپولات تېيىپنىڭ بۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا ۋە خالمۇرات غوپۇر، ئىلھام توختى قاتارلىق زىيالىيلارنىمۇ تونۇشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت