تاشقورغان ئايرودرومىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.05.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دا بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، تاشقورغان ناھىيەسىگە سېلىنغان يولۇچىلار ئايرودرومى 2022-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى پۈتكەن بولۇپ، 18-ماي كۈنى تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە قونغان؛ 7-ئايدا بۇ ئايرودروم رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. 

«قونجىراپ ئايرودرومى» دەپ ئاتالغان بۇ ئايرودروم 2020-يىل 4-ئايدىن باشلاپ سېلىنىشقا باشلىغان. ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3253 مېتىر كېلىدىغان جايغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز ئايرودروم ھېسابلىنىدىكەن. ئايرودرومنىڭ كۆلىمى خېلىلا چوڭ بولۇپ، ئايروپىلان ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3800 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىكەن، يىلىغا 160 مىڭ قېتىم يولۇچى كۈتەلەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 20 نەچچە جايدا ئايرودروم قۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇلارنىڭ ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغان جايلارغا سېلىنغانلىقىنى، قارىماققا يولۇچىلار ئايرودرومى بولسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە خىتاينىڭ بۇلارنى ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى. تاشقورغان ناھىيەسى تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان، ۋاخان كارىدورىغا تۇتىشىدىغان ناھايىتى مۇھىم جاي بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ يەرنىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي بازا قىلىش مەقسىتىدە چوڭ تىپتىكى ئايرودرومى سالغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.