ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودرۇمى - تاشقورغان ئايرۇدرۇمىدا 2018 - يىلى سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.26

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرۇدرۇمى - تاشقورغان ئايرۇدرۇمىنى قۇرۇش پىلانى تەستىقتىن ئۆتۈپ، كېلەر يىلى 3 - ئايدا ئىش باشلىماقچىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، بۇ خەۋەر تۇنجى قېتىم 23 - سېنتەبىر باشلانغان 5 - نۆۋەتلىك خىتاي - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىدە ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تاشقورغان غول ۋە تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇمغا 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنمەكتىكەن. ئۇنىڭدا 2018 - يىلىدىن ئېتىبارەن سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدە قەشقەر ئايرودرۇمى، يەكەن ئايرودۇرۇمى، تۇمشۇق ئايرودۇرۇمى ۋە تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوشلۇق تورى شەكىللىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردىن ئىسلامئاباد، بېشكەك، دۈشەنبە، تاشكەنت، يېڭى دېھلى قاتارلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچۇش ئارىلىقى 1000 كىلومېتىرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ھاۋا يولى ئارقىلىق بىر يېرىم سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

قەشقەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىستېراتېگىيەسىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، تاشقورغان ئايرۇدرۇمىنى قۇرۇش لاھىيەسى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنى ئېچىش ۋە ئۇنى ھىندى ئوكياندىكى مۇھىم ئىقتىسادىي بەلبەغقا ئايلاندۇرۇش پىلانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.