تاشقورغان ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.05.11

11-ماي ئەتىگەندە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىگەن. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ تەڭرىتاغ، خەلق گېزىتى قاتارلىقلار تارقاتقان ئۇچۇرغا قارىغاندا، ھازىرغىچە يەر تەۋرەشتە 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 23 ئادەم يارىلانغان. كۆپ قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يۇقىرىدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە ھازىر ئاپەت رايونىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابى قۇرۇلۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئاممىنىڭ بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى، ئاپەت رايونىغا چېدىر، يوتقان، پاختىلىق كىيىم، يېمەكلىك، دورا، ئىچىملىك قاتارلىقلارنى تارقاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما بۇ باشقا مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. دائىرىلەر بولسا شەخسىيلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىئانە يىغىپ ئاپەت خەلقىگە ياردەم قىلىش ئىشلىرىنى 2014- يىلى كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن توختىتىۋەتكەن ئىدى.

2014- يىلى 12‏-فېۋرال كۈنى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا شەخسى ۋە جامائەتلەر تەشكىللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش قىزغىنلىقى قوزغالغان. بۇنىڭغا ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئاۋاز قوشقان.

بىراق كېيىن، دائىرىلەر بۇ ياردەم پۇللىرى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە كېيىنچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بۇنداق ياردەم ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.