تاتارلارمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019.06.28

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى مىليوندەك يەرلىك خەلقنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە رايوندىكى تاتارلارنىڭمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«مەركىزىي ئاسىيا پروگراممىسى» تورىنىڭ 27-ئىيۇن سانىدىكى خەۋەردە تاتارلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە رايوندىكى سىياسىي باستۇرۇش نۇقتىلىق ھالدا پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا نىشان قىلغان ئىكەن. رايوندىكى قازاق، قىرغىز ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بولسا خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان تۇڭگانلار بىلەن بىر قاتاردا نورمال ھاياتىنى مەلۇم دەرىجىدە داۋاملاشتۇرالىغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئارىدىن ئىككى-ئۈچ يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا بۇ سىياسەت رايوندىكى بارلىق خەلقلەرگە، جۈملىدىن سانى ئاز بولغان تاتارلارغىچە كېڭەيگەن.

خەۋەردە يەنە «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ 2018-يىلى 13-ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئۇيغۇر رايوندىكى تاتارلارنىڭمۇ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى ھەققىدىكى تۇنجى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىقىدىكى تاتارلار تاتارىستاندا تۇرۇپ رۇسىيە ئولتۇرۇمىغا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ھەل بولمىغان. شۇڭا ئۇلار ئامالسىزلىقتىن خىتايغا قايتقان ۋە ئۇلارنىڭ تاتارىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تاتار قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.