سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇلغان 28 تۇياق ياۋا تايچاق جۇڭغارىيەدىكى ئەسلى ۋەتىنىدە تۇغۇلغان ۋە ئەي قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.08.09


تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالتايدىكى قارامېرى تەبىئىي قوغداش رايونىدا بۇ يىل ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا 28 تۇياق ياۋا تايچاق ئامان - ئېسەن تۇغدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئەجداتلىرى ياشىغان ئانا ۋەتىنى - جۇڭغار ئويمانلىقىغا قويۇپ بېرىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل ئامان - ئېسەن تۇغۇلۇپ ئەي قىلىنغان 28 تۇياق ياۋا تايچاقنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋا ئاتلارنىڭ سانى 164 تۇياققا يېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 93 تۇياق ياۋا ئات پىرژىۋالىسكىي نامىدىكى ياۋا ئات نەسلىدىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقى بىلەن موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چەكسىز باياۋانلىق دۇنيادىكى ياۋا ئاتلارنىڭ ئەسلى ۋەتىنى ئىكەن. 19 - ئەسىردە جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ياۋا ئاتلار رۇس ئېسكىسپېدىتسىيەچىسى پىرژىۋالىسكىي تەرىپىدىن بايقىلىپ ياۋروپا ئىلىم ساھەسىگە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ياۋا ئاتلارغا «پىرژىۋالىسكىي ياۋا ئاتلىرى» دەپ نام قويۇلغان. ئەپسۇسكى، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ياۋا ئاتلار ياشاش مۇھىتىنىڭ تارىيىشى ۋە قالايمىقان ئوۋلاش نەتىجىسىدە 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىغا كەلگەندە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 1985 - يىلى خىتاي ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقى ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيەدىن 24 تۇياق «پىرژىۋالىسكىي ياۋا ئېتى» نى سېتىۋېلىپ، ئالتايدا نەسىللەندۈرۈشكە باشلىغان. نەسلى قۇرۇپ، ئۆز ۋەتىنىدىن غايىپ بولغان بۇ ياۋا ئاتلار ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئەجداتلىرى ياشىغان ۋەتىنى - جۇڭغار ئويمانلىقىغا قايتقان.

كۆزەتكۈچىلەر، جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدىكى ياۋا ئاتلارنىڭ بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ھەمدە بۈگۈن غايەت زور بەدەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي مۇھىتنى قوغداشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلۈكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.