تايلاند دائىرىلىرى تاك ئۆلكىسىنىڭ موي سوت رايونىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلغان بىر «قاچاقچى»نى ئاختۇرغانلىقىنى بىلدۈردى
تايلاند ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى تايلاندنىڭ تاك ئۆلكىسى موي سوت رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى يۆتكەشكە چېتىشلىق ئالىي ئىسىملىك بىر كىشىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تايلاندلىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەر تايلاند-بىرما چېگراسىدىكى موي سوت رايونىدا «ھايات» ناملىق بىر سودا شىركىتىنىڭ بىناسىنى ئاختۇرۇپ، 3 نەپەر بىرمالىق مۇساپىرنى تۇتقان، ئەمما ئالىنىڭ ئىز-دېرىكىگە ئېرىشەلمىگەن. تايلاند ئاخباراتى، ئالىنىڭ 2015-يىلى 8-ئايدا باڭكوكتىكى ئېرىۋان ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئاختۇرۇشنىڭ شۇنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئەمما موي سوت رايونلۇق ساقچى ئەمەلدارى پولكوۋنىك جامراڭ سۇدجاي، ئالىنىڭ پارتلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق مەلۇم بىر جىنايەتكە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تېخى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «ئەگەر بىز ئۇنى تاپالىساق، ھەربىي ئىدارە قانۇنى بويىچە تۇتۇپ تۇرىمىز»دېگەن. تايلاند ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئالى قاچاقچىلىق ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ساختا پاسپورت بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان.
تايلاند ھۆكۈمىتى باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنى ئىنسان قاچاقچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ ئېلان قىلىپ، مىرئەلى يۈسۈپ، بىلال مۇھەممەت ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنى پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ رەسمىي سوتقا تارتقان.
ئەمما مىرەلى يۈسۈپ ۋە بىلال مۇھەممەت پارتلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.