تايلاندتىكى بومبا ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىككى ئۇيغۇر يەنە سوتلاندى


2016.04.20

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20 - ئاپرېل كۈنى باڭكوك ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بومبا پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىككى ئۇيغۇر ھەربىي سوتتا سوتلانغان.

ئۆتكەن يىلى 17 - ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەدە بەش كىشى ئۆلۈپ، 120 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. ئەينى ۋاقىتتا ئانالىزچىلار ۋە تايلاند دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى بومبا پارتلاش ۋەقەسىنى «100 نەچچە ئۇيغۇرنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن» دەپ گۇمان قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم سوتقا چىققان مىرئەلى يۈسۈپ ۋە ئادەم قاراداغ ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ياش ئۆزلىرىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلغان.

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم قاراداغ ئۆتكەن يىلقى ۋەقە يۈز بېرىشتىن سەل بۇرۇن مۈرىسىگە سومكا ئېسىۋالغان ھالەتتە شۇ جايدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولۇپ، بۇلار بىخەتەرلىك كامېراسىدا خاتىرىلىنىپ قالغان.

چارشەنبە كۈندىكى سوتنى ئۈچ سوتچى ئاچقان، ئەمما زاسېداتىللار قاتناشمىغان. تىل جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن سوت جەريانىدىكى ئىنگلىزچە - تايلاندچە- ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتى ناھايىتى قىيىندا تاماملانغان.
مىرئەلى يۈسۈپ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بۇ سوتنىڭ «ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزىدىغانلىقىنى» پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچى دائىرىلىرى يەنە باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك 15 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى، ئەمما بۇلارنى ھازىرغىچە تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىرئەلى يۈسۈپ ۋە ئادەم قاراداغ بۇ يىل فېۋرال ھەربىي سوتتا سوتقا تارتىلغان. ئۇلار ئەينى چاغدىمۇ ئۆزلىرىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.