تايلاند تۈرمىسىدىكى 3 نەپەر ئۇيغۇر تۈرمىدىن قاچقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.07.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تايلاند ساقچى دائىرىلىرى 14- ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى، تايلاندتىكى تۈرمىدە ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن 3 نەپىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

«بىنار خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزكۇر 3 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا بانكوكنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 320 كىلومىتېر يىراقلىقتىكى پراچۇاپ خىرىخان ئۆلكىسىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر ساقچىلار ئۇلارنى جىددىي تۈردە ئىزدىمەكتىكەن.  

كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى راتتاپوڭ «بىنار خەۋەرلىرى» گە مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز، مەن نەق مەيداندىن دوكلات كۈتىۋاتىمەن. يېقىندىن بۇيان دەم ئېلىش كۈنلىرى سەۋەبىدىن ئىشلار بىر ئاز ئاستا بولۇپ قالدى.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قېچىپ كەتكەنلەردىن ئەلى 25 ياش، ئابدۇللا 30 ياش، يەنە بىر ئابدۇللا ئىسىملىك بىرى 29 ياش ئىكەن. تايلاند ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كەسكۈچى ئەسۋاب ئارقىلىق تۆمۈر رىشاتكىلارنى كېسىپ قاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈرمىدىن قاچقان يوقۇرىقى 3 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن 2013-2014-يىللىرى ئارىسىدا خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيە قاتارلىق بىخەتەر دۆلەتلەرگە كېتىش ئارزۇسى بىلەن تايلاند چىگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەندە قولغا ئېلىنغان ئىكەن. نۆۋەتتە تايلاندتىكى ھەرقايسى تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا 52 دىن 56 نەپەرگىچە ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ «بىنار خەۋەرلىرى» گە ئېيتىشىچە، 2013-ۋە 2014-يىللىرى ئارىسىدا تەخمىنەن 475 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندقا قېچىپ كىرگەن ئىكەن.

بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان تايلاند ئاممىۋى تەشكىلاتلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چالىدا تاجاروئېنسۇك «بىنار خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا 10 يىل بولاي دەپ قالغانلىقىنى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۇلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 52 تەشكىلات يېقىندا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا سەككىز يىل بولغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن كوللېكتىپ بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنى قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

مەزكۇر باياناتتا «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، بىز ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز،» دېيىلگەن.

7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا يەنە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇندىن 7 يىل بۇرۇن ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىدىن قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.