تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.16

تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند كۆچەمەنلەر مەركىزىدىن قاچقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ياكى بېرماغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

«بېنار خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «پۇقرالارنى كۈچلەندۈرۈش فوندى» ناملىق تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى چالىدا تاجىرونسۇك: «مەن تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىمەن،» دېگەن.

14-ئۆكتەبىر تايلاندنىڭ تاك ئۆلكىسىنىڭ بېرماغا چېگرىداش مېسود رايونىدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىدە قاماقلىق ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرى كۆچمەنلەر مەركىزىدىن قاچقان. تايلاند دائىرىلىرى 41 ياشلىق مۇرات، 29 ياشلىق راشىد ئاسىم ئىسىملىك بۇ ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش باشلىغان. تايلاند دائىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇرات بىلەن راشىد بۇرۇن لائوس چېگراسىدىكى نوڭكاي كۆچمەنلەر مەركىزىگە قامالغان بولۇپ، ئۇ يەردىن مېسود كۆچمەنلەر مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىكەن.

بۇ ئۇلارنىڭ 2-قېتىم قېچىشى بولۇپ، 1-قېتىم 21 كۈندىن كېيىن تۇتۇلۇپ قالغان.

«بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ تەكىتلىشىچە، قاچقۇنلارنى تۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىر مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى قاچقۇنلارنىڭ بېرماغا ئۆتۈپ كېتىشنى پىلانلىغانلىقى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېرمانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، بېرمادا تۇتۇلۇپ قالسا خىتايغا تېخىمۇ ئاسان ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.