تەيۋەن خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىغا قارشى تۇردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.30


خىتاي شەرقىي دېڭىزدا ئۆز ئالدىغا ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى بەرپا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

جۈمە كۈنى تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە پرېزىدېنت ما يىڭجيۇنى بۇنىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

تەيۋەن پارلامېنتىدىكى مۇستەقىللىقنى ياقىلىغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ پارتىيىسى ۋەكىللىرى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، تەيۋەن دائىرىلىرى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىلدى.

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي دېڭىزدا سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى بەرپا قىلغانلىقنى جاكارلىغان. بۇ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مەزكۇر كىملىك رايونى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ئىككى دانە B - 52 تىپلىق يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى خىتاي ئېلان قىلغان كىملىك رايونىغا ئەۋەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايونغا كىرگەن چەتئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالدى بىلەن خىتايغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلكىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئامېرىكا يۇقىرىقى بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى خىتايغا خەۋەر قىلماستىنلا ئەۋەتكەن. بۇ «خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال» دەپ قالغان.

خىتاي مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.