خىتايلارنىڭ «بايلىق قېزىشى» جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ نامراتلىشىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باي ناھىيەسىدە يېقىندا «قىيىر ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان رايونى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كۆمۈرلۈك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈرلۈك ھېسابلىنىدىكەن ھەمدە يىلىغا بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش قۇۋۋىتىگە ئىگە ئىكەن.

بۇ كۆمۈرلەرنىڭ بازار نەرخىنى بولسا بەش يۈز مىليون سوم بىلەن ئالتە يۈز مىليون سومغىچە ئارىلىقتا مۆلچەرلەشكە بولىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا «باينىڭ كۆمۈرى» دەپ مەشھۇر بولغان باي ناھىيەسىدىكى كۆمۈرلەر سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ كېپەك ئالتۇن، قاشتېشى قاتارلىق بايلىقلارنى داۋاملىق قېزىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئۇقتۇرۇشتا بۇ قىلمىشلارنى بايقىغانلارنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا پاش قىلىشى ئۇقتۇرۇلغان ھەمدە «بۇ خىل بايلىق قېزىش قىلمىشلىرى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلماقتا،» دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن رايونىدىكى ئون نەچچە يىللاپ داۋام قىلغان «قاشتېشى قېزىش قىزغىنلىقى» خوتەن بوستانلىقىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرى بولغان يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەريالىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان.

خىتاينىڭ ئالاقىدار مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، باي ناھىيەسى ۋە خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ نامرات رايونلاردىن ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايلىق قېزىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىتنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، بۇ جەرياندا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرماقتا،» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت