خىتاي تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 150 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى نەتتەنە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.07.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىپ يۆتكەشنى تېخىمۇ جىددىي كۈچەيتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي نېفىت گۇرۇھى (PetroChina) يېقىندا تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 150 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 12 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بوزدا 1302 قۇدۇقنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەن بولۇپ، بۇ گاز رايونى تارىم نېفىتلىكىدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان چوڭ تىپتىكى قويۇق گاز رايونى ھېسابلىنىدىكەن. بوز «دابېي» قويۇق تەبىئىي گاز رايونىدا ھەر يىلى قويۇق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. يەنە كوندېنسات مېيى 100 مىڭ توننىدىن كۆپرەك ئېشىشنى ساقلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كوندېنسات مېيى تەبىئىي بېنزىن دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خۇشپۇراق ھىدرو كاربون، يېنىك ھىدرو كاربون ۋە كەم ئۇچرايدىغان ھىدرو كاربون تەركىبلىرى مول ئىكەن. ئۇ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئالىي دەرىجىلىك نېفىت خىمىيىلىك خام ئەشيا ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2020-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت بازىلىرىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىپ، 20 مىليون توننىلىق زامانىۋى چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەيدانىنى تولۇق قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

خىتايدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ھازىرغىچە ئىسپاتلانغان زاپىسىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى تارىم ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىلدا تارىم نېفىتلىكى 700 مىليون توننا ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس بولغان زاپاس مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ «ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» بولۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي سانائەت سىستېمىسىنىڭ جان تومۇرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىپ كەلمەكتىكەن. يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي گازلار ۋە نېفىتلەرنى قېزىش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ زور بىر قىسمى دەل مۇشۇ يول ئارقىلىق تولدۇرۇلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.