خىتاي ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نېفىتلىك ۋە گاز قۇدۇقلىرىدىن بەشنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىدىن بەشىنىڭ كىم ئارتۇق بازىرىغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نېفىتلىك ۋە گاز قۇدۇقلىرى ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم كىم ئارتۇق بازىرىغا سېلىنغان ئىكەن. بۇ قېتىمقى كىم ئارتۇق سودىسى ئۈچۈن بېكىتىلگەن نېفىتلىك ۋە گاز قۇدۇقلىرى تارىم ئويمانلىقىدا بولۇپ، كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتناشقۇچى شەخسلەر ياكى شىركەتلەرنىڭ كەم دېگەندىمۇ بىر مىليارد سوم(151 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) لۇق مەبلىغى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتلىرىدا بۇ يىل ئۇيغۇرلار دىيارىدا نېفىتلىك ۋە گاز قۇدۇقلىرىدىن 30نى كىم ئارتۇق سودىسىغا سالغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقىنىڭ قېزىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «دۆلەتلىك نېفىت ۋە گاز شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى بايلىق قېزىش پائالىيىتىگە ئەمدى خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بايلىقنىڭ ئىچكىرىگە توشۇلۇش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، خالاس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر ئاستى بايلىقىنى قېزىش جەريانىدا پۈتكۈل رايوننىڭ مۇھىتىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت