بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىدا تەبىئىي ئاپەتلەر ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىل بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.01.28


خىتاي دائىرىلىرى 2014 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا رايى كېلىماتىدا «تارىختا ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەت» شەكىللەنگەنلىكىنى، قۇرغاقچىلىق،،كەلكۈن، قۇم بورىنى، شىۋىرغانلىق قار ئاپىتى قاتارلىقلار ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 26 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ «رايوننىڭ 2014 - يىللىق كېلىماتى، مۇھىتى ۋە تەسىر قىلغان سەۋەبلەر» ناملىق خىزمەت دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «2014 - يىلىدىكى ناچار ھاۋا رايى كېلىماتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قاتناش شۇنداقلا بۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ھاياتىغا، سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى. 408 مىڭ ئادەم تەبىئىي مۇھىتنىڭ بىۋاستە زىيىنىغا ئۇچرىدى. بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 2 مىليارد سومغا يەتتى. بۇ ئەھۋال رايون كېلىماتى ۋە مۇھىتى تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئەھۋال» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

خەۋەردە بۇلتۇر بىر يىلدا رايوندا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن ناچار ھاۋا رايى كېلىماتى، بۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن قۇم بورىنى، شىۋىرغان، كەلكۈن، تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما بۇ خىل ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كونكرېت سەۋەبلەر تىلغا ئېلىنمىدى. رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدا بولسا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان يەرلىك دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە ئوتلاقلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كانلارنى خالىغانچە ئېچىشى، خىمىيىۋى تاشلاندۇقى بار زاۋۇتلارنى كۆپلەپ قۇرۇشى نەتىجىسىدە رايون مۇھىتىغا ئېغىر ۋەيرانچىلىق كەلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.