خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى فۇجيەن، سىچۇەنلەردىكى قاتتىق يامغۇر ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-23
Share


7 - ئاينىڭ 21 - ، 22 - كۈنلىرى خىتاينىڭ فۇجيەن، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلىرى قاتتىق يامغۇر ۋە يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ئاپتىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئاپەت ئېلىپ كەلگەن زىياننىڭ تەپسىلاتى بېرىلمىگەن، پەقەت ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كەلكۈندىن كېيىنكى قۇتقۇزۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللانغان ئۇچۇر ۋە سىن ئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىدە «غەربىي جەنۇب ئۆلكىلەردە يۈز بەرگەن يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە كەلكۈندە ئېقىپ كېتىش، يارىلىنىش، ھەتتا ئۆلۈش ئەھۋاللىرى يۈز بەردى. بەزى كەنتلەردە پۈتۈن كەنتتىكى ئۆيلەر سۇ ئاستىدا قالدى. ئەمما ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى جەمئىيەتتە ئەنسىزلىك، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرماقتا» دېگەندەك ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار بېرىلدى.

23 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن ئۈندىداردغا يوللانغان ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا سىچۇەندە قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى سۇ ئاپىتىدە ۋە فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭيەن قاتارلىق جايلىرىدا 22 - ئىيۇل ياققان قاتتىق قارا يامغۇردا، ليەنچېڭ، شاڭخاڭ قاتارلىق يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان نۇرغۇنلىغان كەنتلەرنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئۇچۇرلاردا ئۆيلەر سۇ ئاستىدا قالغان، تاغلار گۈمۈرۈلگەن، ئاھالىلەر قاپسىلىپ قالغان، ئاپەت سەۋەبىدىن شۇ جايلاردا سۇ ۋە توك توختىغان، بىر قىسىم ئادەم ۋە ئۆي ھايۋانلىرى كەلكۈندە ئېقىپ كەتكەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. ئۈندىداردىكى ئىنكاسلاردا يەنە، نۆۋەتتە كەلكۈن يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن زادى قانچىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلىكى ئېنىق بولمىغانلىقى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ كەلكۈن ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى توساۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت