خىتاينىڭ تەھدىت خېتىنىڭ چېخىيە پارلامېنت رەئىسىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى پەرەز قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.29

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئورتاق قارشىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى چېخ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، چېخنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق سىياسىي رەھبىرى ياروسلاۋ كۇبۇرانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تېخىمۇ روشەن ئايان بولدى.

«ئامېرىكا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى 20-يانۋاردا چېخ پارلامېنتىنىڭ رەئىسى كۇبۇرا ئۇشتۇمتۇت قازا قىلغانىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن.

رويتېرس ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن كۇبۇراغا ئەۋەتىلگەن بىر پارچە مەكتۇپ بايقالغان بولۇپ، مەكتۇپتا «چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلى تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغان ئىش بولسا رەئىس كۇبۇرا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە قارشى ئېلىنمايدۇ» دېيىلگەن. شۇنداقلا بۇ زىيارەت ئەمەلگە ئاشسا بۇنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىگە «بەكمۇ ئېغىر ۋە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقى»، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ «سكودا» ئاپتوموبىللىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

نۆۋەتتە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر مەزكۇر تەھدىت خېتىنىڭ كۇبۇراغا ئېغىر روھىي بېسىم ۋە زەربە بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.