خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ھەدەپ ئۆستۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 24-ئۆكتەبىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۇڭغار نېفىتلىكىگە قاراشلىق قارامىل نېفىت ۋە تەبىئىي گاز رايونىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش خىزمىتى تاماملانغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى قارامىل تەبىئىي گاز رايونى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بىر قىسىم گاز قېزىش رايونلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىغا ئۇرۇلىدىغان بېسىمنى ئاشۇرۇش ۋە چوڭقۇر يەر ئاستىدا گازىنى تېز سۈرئەتتە سوۋۇتۇش ئارقىلىق تەبىئىي گاز قېزىش سۈرئىتىنى بىراقلا نەچچە ھەسسە ئاشۇرغان ئىكەن.

بۇنىڭ بىلەن قارامىل تەبىئىي گاز رايونىدىكى گاز مەھسۇلاتلارنىڭ قېزىلىش سۈرئىتى ۋە مىقدارى بىراقلا ئېشىپ، يىللىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بۇ بايلىقلارنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم.

شىنخۇا تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، تارىم نېفىتلىكى ھازىرغىچە ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز مىقدارى 240 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ گازلار تۇرۇبا يوللىرى ئارقىلىق 15 تەك خىتاي ئۆلكىسىنىڭ چوڭ-كىچىك 120 دىن ئارتۇق شەھىرىگە توشۇلۇپ، 400 مىليون ئاھالە ۋە 3000 دىن ئارتۇق زاۋۇت-كارخانىنى گاز بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، غەربىي-شىمال نېفىتلىكى تەۋەسىدىن قېزىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ يىللىق قېزىلىش مىقدارى توققۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل 1. 4 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ قىسىم ناھىيە ۋە يېزىلارنى «نامرات» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت