تەكلىماكاندىكى دەريابويى يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرى يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 18-ئاپرېل كۈنى تارقاتقان بىر پارچە رەسىملىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى قەدىمى يۇرت دەريابويى يېزىسىدىكى ئاھالىلەر ئەسلىدىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن.

شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە «قۇملۇقتىكى ئەڭ ئاخىرقى قەبىلە ئەزالىرى يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ دەريابويى يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1342 نوپۇسقا ئىگە دەريابويى يېزىسىدا جەمئىي 369 ئائىلە بار بولۇپ، ھازىرغىچە 102 ئائىلە كۆچۈرۈلۈپ بولۇنغان. دائىرىلەر پىلانغا ئاساسەن 2019-يىلى ئىچىدە يەنە 114 ئائىلىنى كۆچۈرۈشنى ۋە قالغان ئاھالىلەرنى 2020‏-يىلغىچە پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ بولۇشنى پىلانلىماقتىكەن.

بۇ يېزا ئاھالىلىرى بىردەك كېرىيە ناھىيەسىگە 90 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايدىكى ئوبچە ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىنتايىن نامرات ۋە ئىپتىدائىي ھاياتتىن قۇتۇلۇپ، توكلۇق ۋە تۇرۇبىلىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يېڭى ماكاندا قانداق تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئەسلىدە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشاپ كەلگەن دەريابويى خەلقىنىڭ ئەمدى نېمىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، سۈرەتلىك خەۋەردە دەريابويى ئاھالىلىرىنىڭ بىر زالغا يىغىلىپ «تەربىيەلەش» كە قاتنىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 1980‏-يىللىرى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ بايقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، ئەسىرلەردىن بېرى كېرىيەنىڭ 270 كىلومېتىر شىمالىدىكى دەريا بويى يېزىسىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «ئىپتىدائىي ئىنسانلار» دەپ خاتا ئۇچۇر تارقاتقان. شۇنىڭدىن بېرى مەزكۇر يېزا ساياھەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەريابويىدىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئەسلىدىكى ئورۇنلىرىدىن يۆتكەپ ئۇلارنى تەبىئىي ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق تەكلىماكاندىكى دەريا بويىدەك بوستانلىقلارنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىپ، خىتاي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ ھەرىكەتنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەندەك چىرايلىق ئىسىملار بىلەن ئوراپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئىزچىل ھالدا ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت