تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچىنچى يول ياسىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.01

خىتاي تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر ئاسفالت يول ياسايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەزكۇر يېڭى يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 330 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ يول كورلا شەھىرىگە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى چەرچەن ناھىيىسىنى تۇتاشتۇرىدىكەن. مەزكۇر يول پۈتكەندىن كېيىن، قارا قورۇم تاغلىرى ئېتىگى رايونى بىلەن كورلا-ئۈرۈمچى لىنىيىسى ئارىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

ھازىرغىچە، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان ئاقسۇ-ئالار - خوتەن يولى، بۈگۈر-نىيە يولىدىن ئىبارەت ئىككى يول ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بولۇنغان ئىدى.

«شىنجاڭ تورى»نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يېڭى يولنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بولۇپ، چۈنكى بۇ يول تارىم ئويمانلىقىنىڭ مول نېفىت زاپىسى جايلاشقان، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان رايونلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، بۇ ئەتراپلاردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ۋە توشۇشتا مۇھىم ۋاسىتىلىق رولى ئوينايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 13-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرى بىلەن كورلىنى ۋە چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۆمۈر يول بىلەن تۇتاشتۇرۇشنىمۇ پىلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر يەنە نۆۋەتتە تەكلىماكان رايونىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىمۇ تۇتۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان مەزكۇر قاتناش لىنىيىلىرى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاھالىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ جايلارنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش رولىنىمۇ ئوينايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.