ئۇيغۇر دىيارىدا تېلېفون ۋە تور ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىشقا زەربە بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېلېفون ۋە تور ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايەتلىرى ئېغىرلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 8-ئايدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېفون-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، قىسقىغىنا ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 1070تىن دىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرى ۋە دېلوغا چېتىشلىق 19 مىليون يۈەننى تۆلەشتىن توختىتىپ توڭلاتقان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇقرالارنىڭ پۇللىرىنى ئالدىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنى خەلق ساقچىسى دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ھەتتا 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆزىنى خەلق ساقچىسى دەپ ئاتىغان بىر ئالدامچى فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىر كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ھازىرلىغان 10 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا سېزىلىپ، ساقچى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدامچىنىڭ بانكا ھېسابى توڭلىتىلىش ئارقىلىق ئالداپ ئېلىنغان بۇ پۇل قايتۇرىۋېلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا يامرىغان بۇ خىل تېلېفون،تور ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرىدىن ئالداپ پۇل ئېلىۋېلىش ۋەقەلىرى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ يىل 29-ئاۋغۇست كۈنى رەسىمى تۈردە تېلېفون-تور ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ئىدى.

«خىتاي تېلېگراف تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن خىتاي بويىچە تېلېفون ۋە تور ئالاقىسى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش 2009-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل يۇقىرى كوتۈرىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2013-يىلى، خىتاي بويىچە بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىقتىن 300 مىڭ قېتىم يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ 10 مىليارد يۇەن پۇلى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خەلق تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل ئالدامچىلىق نۆۋەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، 2015-يىلى 11-ئايدىن بۇ يىل 9-ئايغىچە پۈتۈن خىتايدا 13 مىن ئادەم بۇ خىل ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت