ياۋروپا بىرلىكى: خىتاينىڭ كىشىلەرنى تېلېۋىزوردا ئىقرار قىلدۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
2016.01.29
ياۋروپا بىرلىكى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ جىنايەتچى ياكى ئاتالمىش جىنايەتچىلەرنى تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
يېقىندا خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيەسى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتېر داھلىننىڭ ئاتالمىش جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىق ۋە قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغانلىق ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلىرىنى خەۋەر قىلغان ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
رويتېرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا بىرلىكى بۈگۈنكى باياناتىدا: «خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرى ۋە ياۋروپالىقلارنى تېلېۋىزورغا ئېلىپ چىقىپ ئاتالمىش ئىقرار قىلدۇرۇشى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس» دېدى ۋە بۇنىڭ «يالغۇز پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ھۆرمەتسىزلىك، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئىمزاسىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك» مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي شىۋېتسىيەلىك پېتېر داھلىندىن ئاۋۋال، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي سىياسىي مەھبۇسلارنىمۇ ئاتالمىش جىنايىتىگە تېلېۋىزورلاردا ئىقرار قىلدۇرغان ئىدى.«28-ئىيۇل يەركەن قەتلىئامى» نى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر ياش ئابابەكرى رەھىم ئەنە شۇلاردىن بىرى.
خىتاي گەرچە ئىقرارنامىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا جامائەت ئاتالمىش ئىقرار نامىنىڭ مەجبۇرىي ۋە قېيىن-قىستاق بىلەن بولۇۋاتقانلىقىدا ھەمپكىر. شۇڭا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسى بىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر ئىقرارنامە خەۋىرىدىن كېيىن «شەك-شۈبھىسىز ياللانما ئاخبارات ئورگىنى» دەپ تەنقىدكە ئۇچرىدى.









