ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى 90 نەچچە كونا ئولتۇراق مەھەللە يېڭىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.19

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا تەڭرىتاغ رايونىدىكى 90 نەچچە ئولتۇراق مەھەللىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقا بۇ ئولتۇراق مەھەللىلەردىكى كىشىلەرگە «راھەت» ۋە «بىخەتەر» بولغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدا كونا بىنا ئۆيلەرنىڭ سىرتىنى يېڭىلاش، ئۇلارغا لىفىت ئورنىتىش، بىنالارنىڭ سۇ يوللىرىنى رېمونت قىلىش ھەمدە كۆكەرتىش قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش بۇ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن. بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 21 مىڭ كىشىدىن ئاشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى باشقا ناھىيە-شەھەرلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئەسلى يۇرتلىرىغا كۆچۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تەڭرىتاغ رايونى ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتايلار تەشكىل قىلماقتا ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى خاتىرجەم قىلىش تەدبىرى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىرىدىن نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۆپ خىتايلارغا تەشۋىق قىلماقچى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.