«تەڭرىتاغ» نامىنىڭ يېڭىۋاشتىن «تيانشان» غا ئۆزگەرتىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.04.23

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە جۇغراپىيەلىك بىرلىكلەردىن بولغان تەڭرى تاغ تىزمىسى مىڭ يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس ئامىللاردىن بولغان «تەڭرى» نامىدا ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇ نامنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى خىتاي تارىخنامىلىرىدە خۇددى شۇ شەكىلدە «تەڭرى تېغى» دەپ ئېلىنغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.

بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا بولغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بىردىنلا «تيانشان تورى» دەپ ئۆزگەرتىلىشى ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان «تەڭرىتاغ» نامى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنى يېڭىۋاشتىن كىشىلەرنىڭ يادىغا سالدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەڭرىتاغ» نامىنى «تيانشان» دەپ ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى 1949-يىلىدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە مەجبۇرىي يوسۇندا «تيانشان» دەپ مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلگەن بۇ نام ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نەچچە ئون يىللاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە 1980-يىللاردا «تەڭرىتاغ» دەپ ئەسلىگە قايتۇرۇلغان. شۇ قاتاردا «تەڭرىتاغ» نامىدا ئەدەبىي ژۇرنالمۇ تەسىس قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «تيانشان» دېگەن نام تەدرىجىي ئەمەلدىن قېلىپ «تەڭرىتاغ» نامى ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن.

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش دولقۇنىدا ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولغان «تەڭرىتاغ» نامىنىڭ خىتايچە تەرجىمە بولغان «تيانشان» غا ئۆزگەرتىلىشىنى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرۇن ساقلاپ كەلگەن نىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولۇشى» دەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1980-يىللاردا «تيانشان» نامىنى ئۆزلىرى خالىمىسىمۇ ئىلاجسىز «تەڭرىتاغ» دەپ ئۆزگەرتىشكە قوشۇلغان. ئەمما بۇنىڭغا بولغان تەن بەرمەسلىكىنى ئەمدىلىكتە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقارغان. چۈنكى «تەڭرىتاغ» ياكى «تيانشان» دەپ ئاتاش ماھىيەتتە بۇ جاينىڭ تەۋەلىك ۋە ھەقدارلىق مەسىلىسىگە تاقىشىدىغان نازۇك مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا خاس ھەممىلا شەيئىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇرچە ‹تەڭرىتاغ› نامىنى خىتايچە ‹تيانشان› دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىدە يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتى» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.