خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرى تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-09-05
Share

خىتايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل كارخانىلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئورگان پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، خىتايدىكى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ۋە مال باھا تەكشۈرۈشىدە ئاساسلىق چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم چەتئەل سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنى قالايمىقان باھا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جەرىمانە قويغان ۋە سانوفى، گلەكسوسمىسكلاينغا ئوخشاش دورا شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى ئۈستىدىن چىرىكلىك قىلىش دېلوسى تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش باشلىغان.

ئۇيۇشما باشلىقى داۋىد كۇسىنۇ يۇقىرىدىكى دېلولاردا چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن خىتاي كارخانىلىرىغا تەڭسىز مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چەتئەل كارخانىلىرى ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزلەرنى ئالاھىدە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بىز بۇ مەسىلىلەر توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنىڭ چوقۇم قانۇنىي يوللار بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتۇق» دېگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تېببىي دورا سودىسىغا مەسئۇل خادىمى برۇنو گېنسبېرگېر بولسا چەتئەل دورا شىركەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلچەملىك مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئەڭ ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئەڭ كۆپ تەكشۈرۈلىدىغانلارنىڭمۇ يەنە شۇلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «مەن ھېچبىر خىتاي دورا شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. مەن بۇنى ئادىل دەپ قارىمايمەن» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت