تەقلىدىي ئەقىلنىڭ دېموكراتىيەگە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسى ھەققىدىكى قۇرۇلۇشتا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن خەلقئارادا زور بىر غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى. چۈنكى، بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك پىكىر ئەركىنلىكى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان نازارەت ۋە سۈزگۈچ مېخانىزمىغا خىزمەت قىلىشى غەرب دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

بويزې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستېۋېن فېلدستېين ئىمزاسىدا 22-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان مۇشۇ ھەقتىكى ماقالىدا نۆۋەتتىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان، شۇنىڭدەك ئاللىقاچان دېموكراتىيەلىشىپ بولغان دۆلەتلەردە يۈكسىلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ بىلىپ-بىلمەي مۇستەبىت ئەللەردىكى باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ تىپىك مىسال، دېيىشكە بولىدىكەن. چۈنكى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسى كىشىلەرنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشىغا قۇلايلىق ۋە ئاسانلىق يارىتىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەقلىدىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ «نازارەت دۆلىتى» نى بەرپا قىلىپ چىققان. شۇنىڭدەك بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى ۋە يان تېلېفونلىرىنى ئۇدۇللۇق تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كىشىلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش، سىمسىز تورلارنى كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى دېگەندەك بىر قاتار تېخنىكىلار ئەمەلىيەتتە بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە بولغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئاپتور دىققەت قىلغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئېلىپ كەلگەن تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسىنى ئاز دېگەندىمۇ ھازىرغىچە 54 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىپ بولغان. بۇ ئېكسپورت بولسا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نامىدا ئىجرا بولغان. شۇ قاتاردا «خۇاۋېي» قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى پاكىستان، فىلىپپىن، كېنىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە «ئەقلىي شەھەر» لەرنى بەرپا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «نازارەت دۆلىتى» مېخانىزمىنى بۇ جايلارغا ئومۇملاشتۇرغان.

ئاپتور ئاخىرىدا دېموكراتىك ئەللەردىكى سىياسىيونلارنى بۇ خىل ھادىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنىڭدەك تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسىنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيەنىڭ ئومۇملىشىشىغا بۇ دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى چەكلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ رەقەملىك نازارەت سىستېمىسىنىڭ كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت