خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «يېزىلاردىكى يەرلەرنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش» خىزمىتىنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.09

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسى بويىچە «يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى» بۇ يىل 9-ئايدا تاماملىنىپ بولىدىكەن.

ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى تۈسىنى ئېلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت 2014-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا مەزكۇر خىزمەت نەتىجىسىدە بېكىتىلگەن يەرلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ ‹مۇقىم مۈلكى› گە ئايلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. 

شىنخۇا تورىنىڭ 9-ماي تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا بېكىتىلگەن 35 مىليون 620 مىڭ مو يەرنىڭ ئۆلچەش ۋە ھوقۇقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملاپ بولغان. ھازىرغىچە 93 ناھىيەنىڭ 43 ئىدە يەر كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ دەل ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلىنىپ، 2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان بىر شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى گۇمان قوزغايدىكەن. ئۇلار، مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي ھۆددىگەرلەرگە ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ يېزا تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1950‏-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان «يەر ئىسلاھاتى» دىمۇ تېرىلغۇ يەرلەر ئاتاققا بايلارنىڭ قولىدىن نامراتلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، ماھىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قولىدىن دۆلەتنىڭ قولىغا يەنى خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن.

رادىيومىز 2017-يىلى مۇشۇ سىياسەت ھەققىدە خوتەن ۋىلايىتىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار رادىيومىزغا ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەرنى تىزىملاش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلارنىڭ «بۇ يەرلەرنى تېرىمايدىكەنسەن، پايدىلانمايدىكەنسەن» دېگەن باھانىلەر بىلەن تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆپلىگەن تېرىلغۇ يەرلەر بىلەن ۋە بوز يەرلەر دۆلەتنىڭ ھىمايىسى سەۋەبلىك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.