«خەلقئارا تەرجىمانلار كۈنى» دە شائىر شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ ياد ئېتىلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.09.30

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى جاشۇا فرىمەن (Joshua L. Freeman) 30-سېنتەبىر «خەلقئارا تەرجىمانلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر ۋە تەرجىمان شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ ھەققىدە تىۋىتتېر يوللاپ مۇنداق دېگەن:

«‹خەلقئارا تەرجىمانلار كۈنى› دە خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان ئۇيغۇر تەرجىمانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ ئۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ‹كۆيۈۋاتقان بۇغداي› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ خىتايچە تەرجىمىسىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ 2017-يىل لاگېرغا سولانغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. ئۇنىڭغا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇر ھازىر خىتاي لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. شاھىپ ئابدۇسالامنىڭ گۇناھى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدۇر.»

30-سېنتەبىر «خەلقئارا تەرجىمانلار كۈنى» بولۇپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتتە، جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتتە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان تەرجىمانلار تەبرىكلىنىدۇ ۋە تۆھپىلىرى ياد ئېتىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.