ئىسمائىل غاسپىرالى نەشىر قىلغان «تەرجۈمان» گېزىتىنىڭ تولۇق سانلىرى تۈركىيەدە قايتا يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان
2016.09.26
ئىسمائىل غاسپىرالى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە قىرىم تاتارلىرىدىن باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارىدۇر.
غاسپىرالى تەسىس قىلغان ۋە ئۆزى باش مۇھەررىر بولۇپ نەشىر قىلدۇرغان «تەرجۈمان» گېزىتى 1883 - يىلىدىن تاكى 1917 - يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان قېرىنداش خەلقلەرنىڭ مەنىۋىي ئويغىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
ئورتاق تۈركىي تىلىدا نەشىر قىلىنغان «تەرجۈمان» گېزىتى ئۆز دەۋرىدە ئورتا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەرخىللارنىڭ تۈركچىلىك مەپكۇرىسى بىلەن ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2015 - يىلى «تەرجۈمان» گېزىتىنىڭ تۈركىيە كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانغان پۈتكۈل سانلىرى توپلىنىپ، 4 جىلت ھالىتىدە تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھەر شەھىرىدە قايتا نەشىر قىلىنغان.
نۆۋەتتە مىچىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچى تېمۇر خوجائوغلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل تۈركىيەدە «تەرجۈمان» گېزىتىنىڭ 34 يىللىق تولۇق سانلىرىنى تۈركىي تىللارنىڭ ئورتاق ترانسكرىپتسىيەسى بىلەن قايتا نەشىر قىلىش ئىشى باشلانغان.
5 نەپەر پروفېسسورنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە ئىش باشلىغان مەزكۇر گۇرۇپپىدا 30 نەپەرگە يېقىن تەرجىمان ۋە تىلچىلار بار بولۇپ، ئۇلار «تەرجۈمان» گېزىتىنىڭ يەر يۈزىگە تارقالغان بارلىق سانلىرىنى توپلاپ، يىلىغا 2 ياكى 3 تومدىن نەشىرگە تەييارلايدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى بىرقانچە يىل ئىچىدە «تەرجۈمان» گېزىتىنىڭ 1883 - يىلىدىن 1917 - يىلىغىچە بولغان 34 يىللىق تولۇق سانى 34 ھەرپلىك تۈركىي تىللارنىڭ ئورتاق ترانسكىرىپتسىيەسى بىلەن قايتا نەشىر قىلىنىدىكەن.









