Tesla شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەزمە زالى ئېچىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-01-04
Share

ئېلېكتر (توك) ماتورلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىكى بايراقدار شىركەتلەردىن بولغان Tesla شىركىتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى كۆرگەزمە زالى ئاچقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەر تېزدىن ھەرقايسى ساھەنىڭ ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

4-يانۋار كۈنى ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى جېن ساكى بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ «بىز شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدە ئىزچىل ئۆز مەيدانىمىزنى ئېنىق ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە ئاشۇ خىل مەۋقەنى تۇتۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» 3-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ شىركەت رەئىسى ئېلان ماسكنى بۇ كۆرگەزمە زالىنى تاقىۋېتىشكە چاقىردى. ئۇلارنىڭ باياناتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ «ھېچقانداق ئامېرىكا شىركىتى مەلۇم بىر مىللەت قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق رايوندا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم» دەيدۇ.

ئامېرىكا مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا تونۇشلۇق بولغان دىنىي ئالىملاردىن ئۆمەر سۇلايمان بۇ ھەقتە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئېلان ماسكنىڭ بۇ قىلمىشىنى كەسكىن ئەيىبلىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقاندا Tesla شىركىتىنىڭ بۇنداق كۆرگەزمە زالى ئېچىشىنى «كاپىتالىزم، كوممۇنىزم ۋە جازا لاگېرلىرىنى بىريەرگە جەم قىلىپ تۇرۇپ پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

ئۆمەر سۇلايماننىڭ بايانلىرىدا ئېلان ماسك «ئەڭ نومۇسسىز ئىنسان» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىق خاتىرە كۈنىدە تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «خىتايدىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئادەمنى ئاجايىپ مەھلىيا قىلىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار سىلەرمۇ بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار» دېيىش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە خۇشامەت قىلغانلىقى تەنقىدلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت