خىتاي بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى «تەتۈر تەشۋىقاتى» نى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان، بەزىلىرى ئۈن-تىنسىز غايىب بولۇۋاتقان، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئۆلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىدە يەنىلا خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ «تەتۈر تەشۋىقاتى» نى ئېلىپ بارماقتا. خىتايدا چىقىدىغان «خەلق گېزىتى» نىڭ 1-ئىيۇلدىكى ئىنگلىزچە سانىغا بېسىلغان زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كىشىلىك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا» ناملىق ماقالە دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «يۇمشاق قول» سىياسەتلىرى بىر قانچە نۇقتىدىن ماختاپ چۈشەندۈرۈلگەن. ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ «نورمال ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش» ھەققىدە مەخسۇس «قانۇن-نىزاملار» ئېلان قىلغان ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكلات ۋە ماقالىلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي مائارىپ ۋە تىل-يېزىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ھالبۇكى، «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى يەرلىك مائارىپ ئۈچۈن 81 مىليارد 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە يېزىقىنى قوللىنىش ئەركىنلىكىنىڭ «تولۇق كاپالەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقى» جار سېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئاتالمىش «ئاشقۇن ئىدىيە» بىلەن «يۇقۇملانغان» لىقى تەشۋىق قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى، مەزكۇر ماقالىدە رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن «تولۇق كاپالەتكە ئىگە» بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر زۇلۇملار چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، رايونغا زىيارەتكە بارغان چەتئەللىكلەر ۋە مۇخبىرلار تەرىپىدىن تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلانماقتا. بۇنىڭ بىلەن بەزى دېموكراتىك ئەللەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يالغانچىلىق» لىرىغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەركىن تۇنىياز، زۇلھايات ئىسمائىل قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتايپەرەست ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئاراغا بۇرمىلاپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت