فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا سەھنە ھازىرلاپ بەرمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئامېرىكادىكى داڭلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى بولغان فېيسبۇكتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى جاي ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان ئېلاندىن ئۈچى تارقالغان.

BuzzFeed خەۋەرلىرى تورىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئۈچ ئېلاننىڭ ئىككىسى ھەرىكەتچان، بىرى تۇرغۇن ھالەتتىكى ئېلانلار ئىكەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلمايدىغان بىر جاي ئىكەنلىكى شۇ يەرگە قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ «تەسىرلىك ھېكايىلىرى» ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ئىككى ھەرىكەتچان ھالەتتىكى ئېلان فېيسبۇكقا قويۇلغىلى تۆت كۈن بولغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كۆرۈرمەنلەرنى مەركەز قىلغان ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 19-ئاۋغۇست كۈنى ھەرىكەتچان ھالەتتىكى خەۋەردىن بىرنى فېيسبۇكنىڭ ئېلان بېتىگە قويغان ھەمدە «ئەگەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى بالدۇرراق ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تېخىمۇ ئازلىغان بولاتتى،» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە فېيسبۇكچا ئوخشاش دۇنياغا داڭلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇدا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارىدىغان ئېلانلارنىڭ قويۇلۇشى چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى فېيسبۇكنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى قوللىنىلىش دائىرىسىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى بۇ خىل دۇنياۋى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى بېزەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت