خىتاي، تەيۋەن بىلەن تىبەتنى «دۆلەت» دەپ قارىغان چەتئەل شىركەتلىرىگە زەربە بېرىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى تور بەتلىرىدە تەيۋەن بىلەن تىبەتنى «دۆلەت» دەپ تونۇغان بەزى چەتئەل شىركەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ تور بەتلىرىدىن بۇ خىل مەزمۇنلارنى دەرھال ئېلىپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر خەلقئارا شىركەتنىڭ خىتايدىكى تور مەشغۇلاتىنى بىر ھەپتىلىك تاقىغان.

يېقىندا زارا مودا كىيىم-كېچەك شىركىتى، دېلتا ھاۋا يوللىرى ۋە مېدترونىك ناملىق تەبىئىي ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ تور بېكەتلىرىدە «تەيۋەن بىر دۆلەت»، دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مېھمانساراي زەنجىرى‏ - ماررىئوتنىڭ تور بېكىتىدە تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ئاۋمېننىڭ «دۆلەت» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماررىئوت مېھمانساراي گۇرۇھىنى جازالاپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى تور بېتىنى بىر ھەپتە تاقىغان. رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بەزى خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئىختىلاپتىكى بەزى رايونلارنى «دۆلەت» دەپ كۆرسىتىشى تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ھادىسە ئەمەس ئىكەن. 2017‏-يىلى گېرمانىيەنىڭ ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ۋە تەيۋەننى مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ سىزىلغان بىر خەرىتىنى ئىشلەتكەن. ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ مەزكۇر خەرىتىسى خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە زور مۇنازىرە قوزغاپ، گېرمانىيەنىڭ ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. نەتىجىدە بۇ شىركەت خىتايدىن كەچۈرۈم سوراپ، يۇقىرىقى خەرىتىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

بۇ قېتىم شاڭخەي شەھەرلىك تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، «تور دۇنياسىنىڭ قانۇننىڭ سىرتىدا ئەمەس» لىكىنى، خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ «ئالاقىدار قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر زارا ۋە مېدترونىك شىركىتىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنى شۇنداقلا ئامېرىكا دېلتا شىركىتىنىڭ دەرھال ۋە ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ماررىئوت شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى مەسئۇل خادىملىرى شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراق-سوئال قىلىنغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ كاڭ جۈمە كۈنى ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى» لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت