خىتاي ئاخباراتى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.25

تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ خىتاينىڭ بىرلىكى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيە ۋە مەيدانىدىن بىئارام بولغان خىتاي ئاخباراتى تۈنۈگۈن بىر ئانالىزىدا سەي يىڭۋېننى رادىكال دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭدىكى بۇ ئاتالمىش رادىكاللىقىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە ئۇنىڭ توي قىلمىغان تۇل ئايال ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە «سەي يىڭۋېندا ئائىلە ۋە بالا قايغۇسى بولمىغاچقا، ئۇنىڭدا مېھرى-شەپقەت يېتەرسىز» دېيىلگەن. ئانالىزدا يەنە سەي يىڭۋېننىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسى «شەخسىي ۋە ھېسسىي، يىراقنى كۆرەر ئەمەس» دېيىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۇسلۇبى رادىكال دەپ ئەيىبلەنگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر ئانالىزنىڭ سەي يىڭۋېننىڭ سىياسىي مەسىلىلەردىكى تەمكىنلىكى ۋە ئىلمىي ئۇسلۇبى بىلەن ماسلاشمايدىغانلىقى، يەنى ئانالىزنىڭ ئاچچىققا تايانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يەنە خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ئانالىزى بۈگۈن توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.