تەيۋەن تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ فورمىسىدىكى بەلگە خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.09.20

تەيۋەنلىك مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر 2016-يىللىق رىيودى ژانېرو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا مۇسابىقە فورمىسىدىكى بەلگىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېيىپلەر ئولىمپىكى باشلىنىشقا ئىككى ھەپتە قالغاندا، خەلقئارالىق مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى تەيۋەن ئۆمىكىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ فورمىسىدىكى تەيۋەن دۆلەت بەلگىسىگە نارازىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

تەيۋەن مېيىپلەر تەنھەرىكەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چېن لىچوۋنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەرىپىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىگە بېرىلگەن زىياپەتتە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ تەيۋەنلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ فورمىسىدىكى تەيۋەن دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگىنىڭ ئورنىغا خىتايغا يېقىنلىقى بىلەن بىلىنىدىغان «گومىنداڭ» نىڭ بەلگىسىنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. چېن لىچوۋ سۆزىدە «مۇشۇ ۋەقەدىنلا بىز تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك جىددىيلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر خەۋەر تەيۋەندىكى يەرلىك ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ بېسىمى، دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇنازىرە قوزغىغان. بىر قىسىم تور بەتلەردىكى مۇنازىرىلەردە «خىتاي كوممۇنىستلىرى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە قائىدە بېكىتىدىغان تەرەپ بولماسلىقى كېرەك، بۇ دېگەن بىز تەيۋەنلىكلەرگە قىلىنغان ھاقارەت»، «بىز تەيۋەنلىكلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيمىز، بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق» دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان.

تەيۋەندە يېقىندا دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ خىلدىكى سۈركىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.