تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 150كە يەتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.08.30


تيەنجىن دائىرىلىرى 12 - ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ 150 كە يەتكەنلىكىنى، 23 ئادەمنىڭ ھازىرغىچە ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلگەن 150 ئادەمنىڭ ئىچىدە تيەنجىن پورتىدىكى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەترىتىنىڭ 69 ئادىمى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەترىتىنىڭ 23 ئادىمى بار ئىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە 10 نەپەر خەلق ساقچىسى بار ئىكەن.

ھازىر دوختۇرخانىدا 360 نەچچە ئادەم داۋالانماقتا ئىكەن. ئەمما، تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە ئاممىۋى ئۇچۇر تاراتقۇلىرىدا ھۆكۈمەت مەلۇماتىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق رەقەملەر مەۋجۇت بولۇپ، ھۆكۈمەت بىر قىسىم تور بەتلەرنى ئۆسەك ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن تاقىۋەتكەن ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆللىكلىرىدە زاۋۇت - فابرىكىلارنى كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1000 دىن ئارتۇق خىمىيە سانائىتى ئورنىنىڭ كۆچۈرۈلۈپ، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. پەقەت بۇلارنى كۆچۈرۈش چىقىمى ئۈچۈنلا 400 مىليارد يۇئەن كېتىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنداق ئۇچۇرنى خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.