چېڭدۇدىكى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا تىبەت ۋەكىل تىبەت پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئانا تىل مائارىپىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.01.20

مۇشۇ ئاينىڭ بىشىدا چېڭدۇدا ئېچىلغان سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا بىر تىبەت ۋەكىلى چېڭدۇدا ياشاۋاتقان تىبەت پەرزەنتلىرىنىڭ چېڭدۇدا ئانا تىلدا تەربىيە كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق بولۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تىبەت ھەم خىتاي تىلىدىن ئىبارەت قوش تىلدا تەلىم ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. رادىيومىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئىنگىلىزچە خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، سىچۈەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دولقار كىيى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، چېڭدۇ يېقىنقى يىللاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سەۋەبلىك كۆپلىگەن تىبەتلىكلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان، ئەمما چېڭدۇغا ئولتۇراقلاشقان تىبەتلىكلەر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدا تەربىيەلەش ئۈچۈن تىبەت نوپۇسى كۆپ بولغان ناھىيە ۋە يېزىلارغا يوللاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇشبۇ خەۋەردىن مەلۇم بولغان تىبەت ۋەكىلنىڭ سىياسىي كېڭەشتە مىللىي بىر مەسىلىسنى ئوتتۇرىغا قويۇش جاسارىتى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر ۋە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ تەكلىپلىرىنى سېلىشتۇرغان، كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى ئوتتۇرىدىكى جاسارەت پەرقىنىڭ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك ۋە ئېغىرلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.