تىبەت بايرىقى خىتاي ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ گېرمانىيەدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسىنى بىكار قىلدۇردى

گېرمانىيە پۇتبول جەمئىيىتى 25‏-نويابىر ئۇيۇشتۇرغان گېرمانىيە-خىتاي ياش ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە تاماشىبىنلارنىڭ تىبەت بايرىقىنى چىقىرىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، شەنبە كۈنىدىكى پۈتۈن مۇسابىقىسىنى بىكار قىلغان.

خىتاينىڭ 20 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى يېقىندا گېرمانىيەگە زىيارەتكە كەلگەن. ئۇلار گېرمانىيە ياش -ئۆسمۈرلەر كاماندىلىرى بىلەن بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18‏-نويابىر كۈنى خىتاي ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسى گېرمانىيە تسۋ يەنى سكوت ماينىز كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە تاماشىنلار تىبەت بايرىقىنى چىقارغان. تىبەت بايرىقىدىن بىئارام بولغان خىتاي كوماندىسى مۇسابىقىنى توختىتىپ مەيداندىن چېكىنىپ چىققان. بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ خىتاينىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى «بۆلگۈنچىلىككە، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە ياكى تېررورلۇققا» قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق گېرمانىيە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رېيىنخارت گرىندېل تاماشىنبىنلارنىڭ تىبەت بايرىقىنى چىقىرىشىنى قوغداپ، «تاماشىبىنلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى» بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي پۇتبول جەمئىيىتىگە شۇ نەرسە چۈشىنىشلىك بولسۇنكى، ئۇلار گېرمانىيەدە مۇسابىقە ئوينىغاندا ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن». خىتاي كوماندىسى 25‏-نويابىر گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇب مۇسابىقە رايونىدىن فسۋ فرانفۇرت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لېكىن گېرمانىيە پۇتبول جەمئىيىتى مۇسابىقىگە بىر كۈن قالغاندا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ۋەزىيەت تۈپەيلى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گېرمناىيە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركۇز ئورگان ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىشپ كېتىشىدەك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان بارلىق مۇسابىقىلەرنى بىكار قىلغان ئىكەن.