سىچۈەندە 5 تىبەت نامايىشچى ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-08-20
Share


تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىغان تىبەت نامايىشچىلاردىن 5 ئادەم ئۆلگەن.

رادىئومىزنىڭ يەرلىكلەردىن ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ كاردز رايونىدىكى تىبەتلەر نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

كېيىن ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان.

ئەنگلىيەدىكى «ئەركىن تىبەت» تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، 3 نامايىشچى ئوقتا يارىلىنىپ ئۆلگەن، يەنە ئىككى نەپەر نامايىشچىمۇ نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قازا قىلغان.

ئامېرىكىدىكى «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بەشەيلەننىڭ بىرى تۇتقۇندا ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالغان ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ئۆز ئىچىدىن چىققان بىر باشلىقىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان 100 دىن ئارتۇق تىبەتلىك خىتاينىڭ يولسىز سىياسەتلىرىگە ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت