بىر تىبەت ئانا ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-05-30
Share


27 - ماي خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدە بىر تىبەت ئانا ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ساڭيە تسو ئىسىملىك 36 ياشلىق تىبەت ئايال گەنسۇ ئۆلكىسى چونە (جونى) ناھىيەلىك ساقچى ئالدىدا نامايىش قىلغان.

ئۇ نامايىش جەريانىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە نامايىش مەيدانىدا جان بەرگەن.

ئۇ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن.

تىبەتلەر 2009 - يىلىدىن بۇيان ئۆزنى كۆيدۈرۈپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. شۇندىن بۇيان 141 ئادەم ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ جان ئۈزگەن.

بۇ يىل 20 - مايدا 4 بالىنىڭ دادىسى 35 ياشلىق تەنزىن گياتسو سىچۈەننىڭ گەنزى ( كاردز) تىبەت ئاپتونوم ۋىلايىتىدە ئۆزىگە ئوت قويۇپ نامايىش قىلغان ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت