خىتاي 20 يىل نەزەربەند قىلغان بەنچەن لامانىڭ قانۇنلۇق ئىزباسارى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچقان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-09-07
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 20 يىلدىن بۇيان نەزەربەنتتە تۇرۇۋاتقان بەنچەن لامانىڭ قانۇنلۇق ئىزباسارى نىيىما ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچقان.

مەلۇمكى، تىبەت بۇددىزمىنىڭ ئىككىنچى داھىيسى بەنچەن لاما 1989-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. 1995-يىلىغا كەلگەندە تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن گېدھۇن نىيىمانى بەنچەن لامانىڭ قانۇنلۇق ئىزباسارى دەپ ئېلان قىلغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن نيىمانى نەزەربەند قىلىپ، ئۇنى تىبەتلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق قىلغان. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ نيىمانى «دۇنيادىكى ئەڭ ياش سىياسىي تۇتقۇن» دەپ تەسۋىرلىگەن.

6-سېنتەبىر كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى نوربۇ دوندۇپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «نىيىما ھازىر ساغلام ھەم نورمال ھاياتتا ياشىماقتا. ئۇ داۋاملىق مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتىدۇ. ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلىشىنى خالىمايدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا دالاي لاما بىلەن تىبەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا نوربۇ ئىسىملىك باشقا بىر تىبەتلىكنى 11-بەنچەن لامالىققا تەيىنلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن بەنچەن لاما نۆۋەتتە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت