تىبەتلەر خىتاينى بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.03.10

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چەتئەللەردىكى تىبەتلىكلەر 1959 - يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 54 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ باستۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدە دارىمسالادا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ھەمدە بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ تىبەت خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقالىقىنى ئەيىبلىگەن.

يىغىندا سۆز قىلغان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوپساڭ ساڭگاي بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسەتنى توختىتىشقا چاقىرغان. لوپساڭ ساڭگاي يەنە دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىدە قەتئىي مېڭىپ، تىبەتنىڭ ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى ھەمدە بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تىبەت قوزغىلىڭى 1959 - يىلى، 10 - مارت كۈنى باستۇرۇلغاندىن كېيىن دالاي لاما قاتارلىق تىبەت روھانىي ۋە مەمۇرىي رەھبەرلىرى ھەمدە 100 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك ھىندىستانغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.