چەرچەن ناھىيىسى تىغلىق ئەسۋاپلارغا 1‏-يانۋاردىن بۇرۇن نومۇر قويدۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان

چەرچەن ناھىيىسىنىڭ جاھانباغ ئاھالىلەر رايونى 27‏-دېكابىر ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلارغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى تىغلىق ئەسۋاپلارغا 1‏-يانۋاردىن بۇرۇن نومۇر قويدۇرۇپ بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا، بۇ چەكتىن بۇرۇن نومۇر قويدۇرمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. بىراق نومۇر قويدۇرمىغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ پۇقرالارنىڭ ئائىلىدىكى پىچاق، قىڭراق، پالتا، جوتۇ، چالغا قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاپلىرىغا «ئىككىلىك كود» ئويدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. يەرلىك دائىرىلەر بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق» قا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ «تېررورلۇق» «ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، «ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېررورلۇق» قا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تىغلىق ئەسۋاپلارغا نومۇر قويۇش ئەڭ بۇرۇن ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ قاچاندىن باشلاپ تىغلىق ئەسۋاپلارغا نومۇر قويۇشنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئەمما چەرچەن ناھىيىسى جاھانباغ ئاھالىلەر رايونىنىڭ 27‏-دېكابىر چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، تىغلىق ئەسۋاپلارغا نومۇر قويۇش سۈرۈكى توشۇشقا 4 كۈن قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا «تىغلىق ئەسۋاپلارغا نومۇر قويۇش مۇشۇ ئاينىڭ 31‏-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. 3 كۈن ئىچىدە نومۇر ئۇرغۇزۇش كېرەك. ئۇرغۇزمىغانلار ئۆزى ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولىدۇ،» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ تىغلىق ئەسۋاپلارغا نومۇر ئۇرغۇزۇشى ئۇنىڭ فېئودال سۇلالىلەر دەۋرىدە يولغا قويۇلغان پۇقرالارنى كونترول قىلىشتىكى «قالاق ئىپتىدائىي ئۇسۇلى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلنى 21‏-ئەسىردە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇشى «ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.