ئاۋسترالىيە بىخەتەلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك تىك-توكنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن

ئاۋسترالىيە يېقىندا خىتاينىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىك-توكنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە ئامېرىكادىن كېيىن خىتاينىڭ مەزكۇر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تىك-توك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئ‍ۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى چەكلەش بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ چەكلىمە خىتاينىڭ بېيجىڭنى بازا قىلغان «بايتې دەنس» (Zijie Tiaodong) ناملىق شىركىتىگە قاراشلىق تىك-توكنى ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغىپ، سىياسىي مەقسەتتە ئىشلىتىشش ئۈچۈن پايدىلىنىشى مۇمكىن، دىگەن ئەندىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خەۋەرلەردە، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ قارارى باش مىنىستېر ئانتونىي ئالبانىز خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركۈلۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 16-ئاپرىل بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سابىق دىپلوماتى ۋىكتور گاۋ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىك-توكنى چەكلىشىنى «ئىرقىچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن.

ۋىكتور گاۋ ئىلگىرى كۆپ قېتىم خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاش بىلەن دىققەت قوزغىغان ئىدى. ۋىكتور گاۋ ئاۋسترالىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھۆكۈمەتكە خىتاينىڭ نۇپۇسى بىلەن تەھدىت سالغان. ئۇ ھۆكۈمەتنى «سىلەر بىر مىليارد 400 مىليون خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشنى خالىمايسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا «تەڭ-باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» ئىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرى كەتىي گالاگېر، بۇ قارار دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرى ۋە تەۋسىيەسىگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتكە ئائ‍ىت ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، تىك-توكنىڭ توپلىغان زور شەخسىي ئۇچۇرى ۋە «بايتې دەنس» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھۆكۈمەتلەردە خىتاي تىك-توكنى پۇقرالىرىغا قارىتا جاسۇسلۇق قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشە قوزغىغان ئىدى.