ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيەدىكى تىك توك شىركىتى مەسئۇلىنى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق ئىسپات بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.10.21

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگلىيە سودا، ئېنېرگىيە ۋە كەسىپ ئىستراتېگىيىسى كومىتېتى رەئىسى دەررېن جونېس (Darren Jones) بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غەنى(Nusrat Ghani) يېقىندا ئەنگلىيەدىكى تىك توك شىركىتى مەسئۇلىغا بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇپ، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇنىڭ تىك توك شىركىتىگە ۋاكالىتەن ئاغزاكى ئىسپات بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

نۇسرەت غەنى 21-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ مەكتۇپنى ئېلان قىلغان بولۇپ، «تىك توك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالاقە سۇپىسىدا ئۇلارغا سۆز ئەركىنلىكى بەرگەن-بەرمىگەنلىكى توغرۇلۇق ئىسپات ئاڭلايمىز» دەپ يازغان.

مەكتۇپتا ئەنگلىيەدىكى تىك توك شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، يەنى ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش مەسىلىسىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى، مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ خىل زامانىۋى قۇللۇق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.