بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خەلقئارا خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-10-11
Share

نوبېل تىنچلىق كومىتېتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مەركىزى گوللاندىيەدىكى خەلقئارا خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

نوبېل كومىتېتى باياناتىدا، بۇ مۇكاپات مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «خىمىيىلىك قوراللارنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى» غا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، ب د ت نىڭ سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى يوقىتىش ۋەزىپىسى مەزكۇر ئورگانغا بېرىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ يىل 9‏-ئايدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمدە، سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى 2014‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر پۈتۈنلەي يوقىتىش قارار قىلىنغان. سۈرىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېلىشىمنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

نوبېل كومىتېتى باياناتىدا يەنە، خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىش 1925‏-يىلى ئىمزالانغان جەنۋە كېلىشىمىدە مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قورالنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: يېقىندا سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە خىمىيىلىك قوراللارنىڭ يەنە ئىشلىتىلىشى، بۇ خىل قوراللارنى يوقىتىشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى، دېگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى، تۈركىيەلىك دىپلومات ئەخمەت ئۈزۈمجۈ، بۇ مۇكاپات مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن قىلغان 16 يىللىق خىزمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى 1997-يىلى قۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت